send link to app

Ötkürname app for iPhone and iPad


4.6 ( 1056 ratings )
Education Book
Developer: Memet Eliniyaz
Free
Current version: 1.1.3, last update: 7 years ago
First release : 23 Nov 2015
App size: 5.17 Mb

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداش
سىز ئىشلىتىۋاتقان مەزكۇر ئەپ كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ ئەپ بازىرىغا يوللىغان ئۈچۈنچى ئەپ دىتالى بولۇپ، بىر مەزگىللىك ئۆگىنىشىمنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى شۇنداقلا ۋاقتىمنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى، ئەسلىدىكى ئەپ لايىھەسى بۇيىچە پۈتتۈرۈشكە مۇۋەققەت بولالماي ھەمدە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى قوشۇپ بولالماي تۇرۇپلا، شۇنداق ئاددىي بىر ھالەتتە ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ تۇرۇپتىمەن. مەزكۇر ئەپ مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ يىگىرمە يىللىق خاتىرىسىگە تەييارلانغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ۋەتەن ئىچىدە ئېلان قىلىنغان 90 پارچىدىن ئارتۇق نەزمىي ئەسەرلىرىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىنكى نەشىرلىرىدە، خۇدايىم تىنىمنى ئامان قىلسا، ئاپتورنىڭ نەسىرىي ئەسەرلىرىنىمۇ قوشۇشنى ئ‍ويلاۋاتىمەن. شۇڭلاشقا، قولىدا ئاپتورنىڭ تېكىست ھالىتىدىكى تەييار ماتىرىيالى بار تورداشلارنىڭ تەڭشەك بېتىدىكى ئېلخەت ئالاقە ئ‍ۇسۇلى ئارقىلىق كەمىنىگە ياردەم قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا، مەزكۇر ئەپنىڭ تېكىست ھۆججەتلىرىنى كىرگۈزۈشتە ياردەم قىلغان شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ئۇيغۇر ستۇدېنت ئىنى-سىڭىللىرىمغا، ئەپنىڭ لايىھە قىسمىدا ئالاھىدە ياردەمدە بولغان ياش لايىھەلىگۈچى، سەنئەتكار ئابلىمىت ئابلەت(Giant)كە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.